رىچارد مىللى 4 مىليونلۇق يۈەنلىك سائەت ئېلان قىلدىRICHARD

2020-02-20 PASIBAN | padomessi旗舰店

بۇ مەزمۇننى <<پاسىبان سائەت ھەۋەسكارلىرى سالونى>> تەييارلىدى، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


رىچارد مىللى 4 مىليون 700 مىڭ يۈەنلىك چەكلىك مىقتاردىكى سائەتنى ئېلان قىلدى

رىچارد مىللى بولسا شىۋېتسارىيەنىڭ داڭلىق مودا سائەت ماركىسى، بۇ ماركىنى كۆپلىگەن ئادەم ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ماركا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى سائەت لاھىيەسىدىن چەتنەپ سائەت ياسايدىغان شىركەت، سائەت ياساش جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرىدىغان ماركىلارنىڭ بىرى

رىچارد مىللى

RICHARD MILLE

里查德米尔

سائەت دېئامېتىرى: 50 مىللىمېتىر

قېلىنلىقى : 8.54 مىللىمېتىر

RM 58-01: تىپ نۇمۇرى

بۇ سائەت 200 دانە ئەتراپىدا كىچىك زاپچاسلاردىن تۈزۈلگەن

بۇسائەتكە دۇنيادىكى 24 شەھەرنىڭ ۋاقتى كىرگۈزۈلگەن، ياندىكى كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىقلا شۇ شەھەرنىڭ ۋاقتىغا تەڭشىيەلەيسىز

بۇ ئىقتىدار پەقەت باتارىيەلىك سائەتكىلا خاس ئىقتىدار ئىدى، رىچارد مىللى ئاپتوماتىك سائەتكىمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوشقان، بۇ بەلكىم سائەتچىلىك تارىخىدىكى تۇنجى ئىش بولۇشى مۇمكىن

بۇ سائەتنىڭ سائەت توققۇز يۆلىنىشىگە ئۇچقۇرچاق ئىقتىدارى سەپلەنگەن بۇ ئىقتىدارمۇ  مۇرەككەپ ئالاھىدە لاھىيە ھېسابلىنىدۇ

سائەتتە ئېنىرگىيە كۆرسىتىش ئىقتىدارى لاھىيەلەنمىگەن

سائەت رامكىلىرىغا ئالىي دەرىجىلىك تېتان ماتېرىيال ھەم 18 ك ئالتۇن ئىشلىتىلگەن، ھەم يەنە 20 دانە تېتان ماتېرىيالدا ئىشلەنگەن بۇرما مىخى بىلەن مۇستەھكەملىگەن

سائەتنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئىككى دانە 

Nitril O

نترېل ئو شەكىللىك ھىملاش رېزىنگىسى ئىشلىتىلگەن

سائەتنىڭ سوقۇلغاندا ھەم تەۋرەنگەندە بېسىمنى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىقتىدارى

سائەت بېغى كاچۇكتىن سائەت قۇلۇپى تېتاندىن ياسالغان تېخىمۇ پۇختا ھەم تېخىمۇ يەڭگىل

سائەت ئالدى كەينىگە سىزىلىشقا چىداملىق كۆك ياقۇت ئەينەك سەپلەنگەن

سائەت ماتورى قولدا قۇلاقنى بۇراش ئارقىلىق ئېنىرگىيە تولۇقلىنىدىغان يېرىم ئاپتوماتىك ماتور

ئېلان قىلىنغان باھاسى 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن

پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 35 دانىلا بار

ساقلاش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى

خۇلاسە: رىچارد مىللى ئۈزلۈكسىز ھالدا سائەت لاھىيەلەش تېخىنىكىسى ھەم ھۈنىرى جەھەتتە پۈتۈن دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلدى. دۇنيا سائەت ياساش  كەسپىگە كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ ئەمما مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سائەتچىلىك كەسپىدىكى مۇھىم ئورۇنغا چىقتى ، گەرچە ياسىغان سائەتلىرى قىممەت بولسىمۇ لېكىن ئالاھىدە مۇرەككەپلىكى ئۆزىگە خاس مودا لاھىيە ئۇسلۇبى  كىشىلەرنىڭ ياختۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئەرزىيدۇ

رىچارد مىللى توغرىسىدا سۆزلىسەك گەپ جىق كىيىنچە  يەنە سۆزلەپ ئۆتەرمىز


ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىمىز ئېلھام ۋە قوللاش يەنە بىر يېڭى مەزمۇنغا ئۇل سېلىپ بېرىدۇ، تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ

 ئاستىدىكى ئېنكاس رايونىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ 

ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى بېسىپ قويسىڭىز


推荐店铺


相关文章