سائەت ماگنىتلىنىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

2020-02-18 PASIBAN | padomessi旗舰店

بۇ مەزمۇننى <<پاسىبان سائەت ھەۋەسكارلىرى سالونى>> تەييارلىدى، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


ئاپتوماتىك مىخانىك سائىتىڭىز سەۋەپسىزلا توختاپ قالسا ياكى ئۆزلىگىدىن خاتا ماڭىدىغان بولۇپ قالسا رېمنۇتچى تەكشۈرۈپ ھېچ بىر بۇزۇق يېرىنى تاپاممىغان بولسا سائىتىڭىز بەلكىم ماگنىتلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن

   سائەت ماگنىتلىنىپ قېلىش دېگەن نىمە؟

ئادەتتە سائەتنىڭ ماتور (ئۆزەك ) قىسمى چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە يۈز تال مېتال پولات ماتىرىيالدا ياسىلىدۇ، مەيلى سائەت ماتورى ئاددىي دەرىجىدىكى پولات بولسۇن ياكى ئالىي دەرىجىلىك پولاتتا ياسالغان بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا ماگنىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا سائەتنى ماگنىتى بار نەرسىلەرنىڭ يېنىغا قويۇشقا بولمايدۇ مەسىلەن ئاۋاز ياڭراتقۇ، تېلىۋىزور، توڭلاتقۇ ۋە گېنراتور، ترانسىفور ماتور ۋە يەنە ھەرخىل چوڭ - كىچىك تىپتىكى ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ھەم يەنە سائەتنى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بار مۇھىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ


ماگنىتلىنىپ قالسا سائەتكە قانداق زىيىنى با؟

ئەگەردە سائەت ماگنىتلىنىپ قالسا يەڭگىل بولغاندا سائەت ئىچىدىكى مېتال زاپچاسلارغا تەسىر يېتىپ سائەت توغرا ماڭمايدىغان، بىردەم تېز بىردەم ئاستا ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ


ھەممە سائەت شۇنداق ماگنىتلىنىىپ قالامدۇ؟

ئادەتتە پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك ئىمپورت قىلىنغان سائەتلەرنىڭ ماگنىتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ماگنىتىلىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپىنچە سائەتنىڭ ماگنىتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ يەنە بەزىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ، كىچىك دائىرىدىكى ماگنىت سۈركۈلۈشى سائەتكە ئاساسەن زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، سائەتنىڭ ماگنىتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى پەقەت چەكلىك دائىرە ئىچىدىلا ماگنىتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ


ئاپتوماتىك سائەتقۇ ماگنىتلىنىپ قالسا مايلىق سائەتچۇ؟

 مايلىق (كىۋارتىس) سائەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مېتال زاپچاسلار ئاپتوماتىك سائەتكە قارىغاندا بىرقەدەر ئاز ھەم ماگنىتلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك بولدۇ، شۇنداقتىمۇ كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى سائەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ


سائەت ماگنىتلىنىپ قالغاندا قانداق قىلىشمىز كېرەك؟ 

 ئەگەر سائىتىڭىز ماگنىتلىنىپ قالسا بەك ئەنسىرەپ قورقۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، رېمنۇتچىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ماگنىتسىزلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسىگە سېلىپ ماگنىت كۈچىنى يوقۇتۇش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ

ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىمىز ئېلھام ۋە قوللاش يەنە بىر يېڭى مەزمۇنغا ئۇل سېلىپ بېرىدۇ، تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ

 ئاستىدىكى ئېنكاس رايونىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ 

ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى بېسىپ قويسىڭىز

سائەتكە مۇناسىۋەتلىك قانداقلا سوئالىڭىز بولسا سالونىمىزغا ئېنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ


推荐店铺


相关文章