ھېكايە\ بولكىچى بىلەن بالا

2020-02-18 PASIBAN | padomessi旗舰店


ئاچارچىلىق يوقسۇللۇق زامانىدا، بىر باي بولكىچى شەھەردىكى ئەڭ نامرات 20 بالىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا: «ياخشى كۈنلەرگە ئۇلىشىۋېلىپ بولغىچە، ھەركۈنى ھەممىڭلار قېشىمدىن بىردىن بولكا ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ» دەپتۇ

ئاچ قالغان بالىلار ھەركۈنى ئەتتىگەن بولكا قاچىلانغان سېۋەتكە ئولاش چولاش ئېسىلىپ، ئەڭ چوڭ بولكىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر – بىرىنى ئىتتىرشىپتۇ. ئۇلار بولكىنى ئېلىپ بۇ ياخشى نىيەتلىك بولكىچىغا رەھمەتمۇ دېمەستىن ئالدىراش قايتىشىپتۇ


جۇل –جۇل كىيىنگەن گىرانچىن ئىسىملىك قىزچاقلا باشقىلاردەك غەلۋە قىلمايدىكەن، بولكا تالاشمايدىكەن. ئۇ بىر قەدەم نېرىسىدا كەمتەرلىك بىلەن ساقلاپ باشقا بالىلار كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سېۋەتتە ئېشىپ قالغان ئاخىرىقى ئەڭ كىچىك بولكىنى ئالىدىكەن، دائىم بولكىچىنىڭ قولىغا سۈيۈپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتمايدىكەن

 بىركۈنى باشقا بالىلار كەتكەندىن كېيىن، تارتىنچاق گىرانچىنغا بۇرۇنقىدىنمۇ كىچىك بىربولكا قاپتۇ. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا بولكىچىنىڭ قولىغا سۈيۈپ سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئانىسى بولكىنى كەسكەندىن كېيىن ئىچىدىن بىرنەچچە تىللا پۇل چىقىپتۇ، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن گىرانچغا: «بولكىچى خېمىر يۇغۇرغاندا ئىھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتكەن ئوخاشايدۇ، دەرھال ئۆز قولۇڭ بىلەن بولكچىغا ئاپىرىپ بەرگىن» دەپتۇ

قىزچاق تەڭگىلەرنى بولكىچىغا ئۇزىتىپ ئەھۋالنى دەپتۇ. بولكىچى: «ياق بالام، مەن بۇلارنى ئۆزۈم بولكىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان ئىدىم. مەن ساڭا بىر قائىدىنى دەپ بىرەي: «كەمتەر ئادەم مەڭگۈ بەخىتلىك بولىدۇ. قەلبىڭنىڭ مەڭگۈ ھازىرقىدەك مېننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۆمىد قىلىمەن . ئۆيىڭگە قايتىپ ئاناڭغا بۇ تىللالارنىڭ مىننەتدارلىق ۋە كەمتەرلىكىڭىنىڭ مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقىن» دەپتۇ

خۇلاسە: كەمتەر ئادەمنىڭ قەلبى ئاسمان- زېمىن ۋە دېڭىز – ئوكيانلاردىنمۇ كەڭرى بولىدۇ. ئىنسان كەڭقورساقلىق بىلەن كۈچلىنىدۇ. مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يوق، يول قويۇشنى بىلمەيدىغان ئىچى تار  ئادەم  مەڭگۈ كۆكلىيەلمەيدۇ...



ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىمىز ئېلھام ۋە قوللاش يەنە بىر يېڭى مەزمۇنغا ئۇل سېلىپ بېرىدۇ، تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ


ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى بېسىپ قويسىڭىز




推荐店铺


相关文章