ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلاندى

2020-01-09 维软 | 维东尼旗舰店




ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلاندى




ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ 2.2.2.1 نەشرىگە يېڭىلىنىپ، ئاپتوماتىك توغرىلاش ۋە كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرۇپ چاپلاش ئىقتىدارلىرى ئوڭشالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن تەۋسىيە تىزىملىكىگە تەرتىپ نومۇر قوشۇلۇپ، كىرگۈزۈش تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلدى. سىز بۇ دېتالنىڭ ياردىمىدە پىشقان كوررېكتورلاردەك بىمالال ئىملا تەكشۈرەلەيسىز ھەم كۆپ ۋاقتىڭىزنى تېجىيەلەيسىز، مەسىلەن، 500 بەتلىك روماننىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن پەقەت 1-2 مىنۇتلا كۇپايە.







ئىملا تەكشۈرۈش، توغرىلاش ۋە تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارلىرى


ھېسابلاش تىلشۇناسلىقىغا دائىر دائىمىي قوراللار


تىلچىلارغا زۆرۈر دائىمىي قوراللار


ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ تىللىق ئارايۈز


ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ



ئوڭدىن-سولغا: (1) ئىملا تەكشۈرۈش (2) ئىملا توغرىلاش (3) كىرگۈزگۈچ (4) بوغۇم ئايرىش (5) Photoshop قا چاپلاش
(6) كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە ئوڭ چاپلاش (7) سانلارنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش


خەنزۇچە ئارايۈز


ئۇيغۇرچە يېزىۋاتقاندا سۆز تەۋسىيەلەيدۇ، ئىملادا خاتالاشمايسىز.


قازاقچە يېزىۋاتقاندا سۆز تەۋسىيەلەيدۇ، ئىملادا خاتالاشمايسىز.


قىرغىزچە يېزىۋاتقاندا سۆز تەۋسىيەلەيدۇ، ئىملادا خاتالاشمايسىز.



چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://imla.uighursoft.com



推荐店铺


相关文章