ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ-بىلىۋېىلىڭ​

2021-03-26 Yar Sowgisi | yargici旗舰店




ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮ 90- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﺎﻗﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ، ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ،«ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ» ﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ. ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺭﯦﺌﺎﻛﺘﯩﯟ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻓﻼﯞﻭﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻥ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﺳﯧﻠﺘﺴﯩﻲ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 10 ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ «ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻣﺮﯨﻘﻰ» ﺩﯗﺭ.

ﻣﺎﻧﮕﻮ

ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﯧﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺳﯧﻠﺘﺴﯩﻲ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﻟﯩﻤﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺳﯩﻠﺘﺴﯩﻲ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ 6، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ،ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮪﺎﻝ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﮕﻮﻧﻰ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﺎﻗﯩﻠﻪ (ﺩﺍﺩﯗﺭ)

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﻛﻠﯜﻙ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ، ﺋﯧﭽﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﯩﺪﺭﻭﺗﯧﺴﺘﻮﺳﺘﯧﺮﻭﻧﯥ ﮪﻮﺭﻣﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮔﯩﺪﺭﻭﺗﯧﺴﺘﻮﺳﺘﯧﺮﻭﻧﯥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻻﺷﺴﺎ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺑﺎﻗﯩﻠﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﺋﻮﻣﯧﮕﺎ 3، ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ 6، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 75 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


ﺗﯘﺧﯘﻡ

ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻮﻟﻼﮔﯧﻦ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻛﻮﻟﻼﮔﯧﻦ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻮﻟﻼﮔﯧﻦ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﭼﺎﭺ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺩ، ﻛﺎﺭﻭﺗﯧﻦ، ﺳﯩﻨﯩﻚ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﻰ ﺳﯘﺩﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯘﺳﯘﻧﻰ

ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯘﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﯞﻩ ﻟﯩﺴﯩﻦ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻥ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻟﯩﺴﯩﻦ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯘﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻟﯩﺴﯩﻦ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ، ﺳﯩﻨﯩﻚ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ 2، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ 5، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ .

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 10 ﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯘﺳﯘﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ

ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻗﯧﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﻣﻮﻝ.

ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﯥ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 ﺯﯨﻐﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ

ﺯﯨﻐﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯧﮕﺎ 3، ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺯﯨﻐﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺋﻮﻣﯧﮕﺎ 3، ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ1، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ، ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ،ﺳﯧﻠﯧﻦ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ

ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻨﯩﻚ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﺳﯩﻨﻚ، ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ، ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ، ﻣﺎﻧﮕﺎﻥ، ﻣﯩﺲ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ. ﺯﯨﻐﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 ﺷﯩﺮﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ

ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﻛﻮﻟﻼﮔﯧﻦ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯩﺮﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺷﯩﺮﻧﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ، ﻛﺎﻟﯩﻲ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ.

ﺋﺎﯞﻭﻛﺎﺩﻭ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ

ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﮪﻪﻡ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﻭﻛﺎﺩﻭ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ E ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﯞﻭﻛﺎﺩﻭ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ E، ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﺋﻮﻣﯧﮕﺎ 9، ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﺏ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮪﺎﻝ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﯞﻭﻛﺎﺩﻭ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ، ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ

ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ ﻗﯩﺰﯨﻠﭽﯩﺴﻰ، ﺳﯘ ﻛﯩﺮﯦﺴﺘﻰ، ﭘﺎﻟﻪﻙ، ﻛﺎﭘﯘﺳﺘﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﻛﯧﺮﺍﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻛﯧﺮﺍﺗﯩﻦ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ: ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ A، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻙ، ﺏ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ، ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ.

ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﻻﺗﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎ 100 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.







推荐店铺


相关文章