ئالتە يىل بۇلدى،ھەقسىزچۈشلۈك تاماق شىنجاڭدا

2019-04-21 亚力坤奥斯曼 | 亚力西旗舰店



يالقۇن ئوسمان فوتو-سۆرەتلىرى44

ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ساخاۋەت تۈرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالتە يىللىق مۇساپىسى

ئالتە يىل ئىلگىرى ئۇ يەسلىدە ئوقىۋاتاتتى. ئالتە يىل ئىلگىرى يەنى 2013-يىلى 4-ئايدا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرى تۇنجى بولۇپ تۇرپان شەھىرى چاتقال يىزىسى چىغىر بۇلاق كەنىت جواڭزى باشلانغۇچ مەكتىپىدە يولغا قويۇلغان. تاماق تارقىتلىش مۇراسىمىدا ئۇ تايچاقتەك تاقلاپ-سەكرەپ نەق مەيداندا پەيدا بولدى ھەمدە ھەممنىڭ دىققىتنى ئۆزىگە تارتتى. رەسىمىگە چۈشىدىغان چاغدىمۇ ھەمىشە ئەڭ ياخشى ئورۇننى تاللاپ تۇرۋالاتتى. ئۇنىڭ رەسىمدىكى ھالتىمۇ كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر بىرەتتى. ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداقتۇ؟ ئۇ ئاز ئۇچرايدىغان،ھازىرمۇ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرى مەكتىپدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ بىرى. ( رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىكى قولدا قايچا شەكلىنى چىقىرۋالغان بالا). ئۇ ھازىر 12ياشلارغا كىرگەن بولۇپ جواڭزى باشلانغۇچ مەكتپنىڭ بەشنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇبەش يىل ئۇدا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈردىن بەھرىمان بولدى. 

免费午餐新疆:摄影/乐宏                             فۇتوگراف:لى خوڭ 

ھەقسىزچۈشلۈك تاماق تۈرنى يولغا قۇيغان مەكتەپلەرنىڭ ئىككى ئىلمى مۇدىرۋە پىدائىيى

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرىسى: يىزا مەكتىپىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچى ۋە پىدائىيلار

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى: ئەكبەر غوجا، شىنجاڭدىكى تۇنجى ھەقسز چۈشلۈك تاماق تۈرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى. ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇن بۇ يەردە تىخى ئومۇملاشمىغان ۋاقىتتا ئۇ ھەر كۈنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق شىنلاڭ مىكرۇ بىلۇگدا  كۆپچىلكىنى كىرىم-چىقىمنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار قىلاتتى. ئەكبەر گەرچە مەكتەپتىن ئايرىلغىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇ ھازىرغىچە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرىنىڭ كۈندىلىك كىرىم-چىقىم ھىسابات ئەھۋالىغا مەسئۇل بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ھەقىسز چۈشلۈك تاماق تۈرىنىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقۇچى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

 شىنجاڭدىكى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق:  ئاتاڭ بار ئېتىڭ باغلاغلىق، ئاناڭ بار چىيىڭ قايماقلق. 

ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق مەكتەپ مۇدىرى بۇ بالىلارنىڭ مىھرىبان ئاتىسى. بالىلار ھازىر بەشىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ، بۇ ئالتە يىل ھەقىقەتەن بەك تىز ئۆتۈپ كەتتى. ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشگە ھەمراھ بولدى.

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

 ھەش-پەش دىگۈچە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرىدىن بەھرىمەن بولغان بالىلار چوڭ بولۇپ كەتتى! 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتە ، بىز مەكتەپنىڭ ياردىمىدە جواڭزى باشلانغۇچ مەكتىپى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرى خاتىرى رەسىمىدىكى بالىلاردىن ئوننى تاپتۇق. بۇگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇلارنىڭ كۆپىنىچىسى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئورتا ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغانىدى.

 فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

ھەقسىز چۈشلۈك تاماقتىن ئىبارەت بۇتۈرنى2011 - يىلى4 - ئاينىڭ 2-كۈنى دېڭفېي باشچىلىقىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رىياسەتچى،سىنارىست،رېژىسسورلار،مۇخبىرلار، كارخانىچىلار،چوڭ ـ كىچىك داڭلىق شەخسلە،چولپانلارۋە جوڭگۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچىلەرھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان پىلان بولۇپ،ھەركۈنى ئۈچ يۈەندىن ئىئانە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تاماقتا قىينىلىشتەك ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقنى ھەل قىلدى.ھەقسىز چۈشلۈك تاماق تۈرى نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلىرنىڭ قورساقتىن غەم قىلماي ،خاتىرجەم ئوقۇشى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن كۈندە بىرۋاق ھەقسىز چۈشلۈك تاماقتىن بەھرىمان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈمىدىمىزــ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ھەرقانچە ناچار بولسىمۇبىرۋاق تاماقتىن غەم قىلماي،خاتىرجەم ئوقۇپ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇشى ئۈچۈندۇرگەرچە بەش يىل توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ،مال باھاسىنىڭ يىلدىن ــ يىلغا ئۆسۈشى سەۋەبلىك ئۈچ يۈەنلىك ئۆلچەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇلمىدى.شۇ سەۋەبلىك 2016 - يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ«ھەقسىز چۈشلۈك تاماق ساخاۋەت تۈرى» نىڭ ئۆلچىمىنى ھەربىرئوقۇغۇچىغا تۆت يۈەن قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق.ھەقسىزچۈشلۈك تاماق ـــ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا شۇ مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدۇ.دەم ئېلىش كۈنلىرى،ھېيت ـ بايرام،  قىشلىق،يازلىق تەتىللەردە ئوقۇغۇچىلاردەم ئالىدىغان بولغاچقا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ

يازمىدا:يالقۇن ئوسمان

فوتوگراف:يالقۇن ئوسمان

تەرجىمان:گۈلزىرە نۇردۇن

تور تەھرىر:گۈلزىرە قازاقباي

2019-4-21



推荐店铺


相关文章